• بىر ئاينىڭ ئالدىدا مۇلازىمېتىر مەسلىسى سەۋەبىدىن ئالىپ تور بېتى توختاپ قالغان ئىدى.

    ئەمدى ئەسلىگە كەلدى. داۋاملىق زىيارەت قىلىشىڭلارنى، تېما-ئىنكاس يېزىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

    ئادېرسى: http://www.alip.biz

  • Windows Mobile 6.5 سېستىمىلىق يانفۇنلار ئۈچۈن خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە لۇغەت


    ئاۋال ماۋۇ ئادېرستىن Mdict دېتالىنى چۈشۈرۈپ، پىرىستىن يىشىپ يانفۇننىڭ سىغىم كارتىسىدىكى خالىغان بىر يەرگە كۆچۈرۈڭ. بۇ يېشىل دېتال قاچىلاش ھاجەتسىز.
    ئاندىن بۇ دېتالنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېقىڭ، نورمال ئىجرا بولدىمۇ يوق. ئىجرا بولمىسا كېيىنكى مەشغۇلاتنى قىلماڭ

  • ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلگەن ھەر بىر ئوت يۈرەككە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.

     

    ئانا تىلنى خارلىدى تورچى

    ئاپتورى: سەزگۈر

    نە گۇناھىڭ بارتى ئانا تىل،
    توربەتچىلەر- تورچى ئالدىدا.
    «مىللەت ئۈچۈن&r...
  • دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەخپى تېخنىكىسى دېگەن يازمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن تورداشلار ناھايتى قىزىققان ئىدى. ئالدىراشچىلىقتا ئۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى يېزىپ بولالمىغان ئىدىم. قىزىققۇچىلار ھەم مۇئەييەن بىلىمى بارلار بولسا مۇشۇ باھانىدە تەپسىلى ئۆگىتىپ قويىمەن.

    مەن بۇ دېتالنىڭ تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك سۆزلىرىنى  ئەۋەتىپ بېرىمەن، تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك سۆز 2500 قۇر ئەتراپىدا. خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىسىز، تەرجىمىسى پۈتكەندە مەن تەكشۈرۈپ، قالغان تېخنىكىلىق يەرلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن. ئاندىن ئۇ دېتالنى سىزنىڭ نامىڭىزدا ھەقسىز تارقىتىمىز

  • ئەركىن سىدىق

    نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىمىز جاۋاب ئىزدەۋاتقان، لېكىن تېخىچە جاۋاب تاپالمىغان كۆپلىگەن سوئاللار بار. مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئاشۇنداق سوئاللاردىن مۇنداق ئىككىسى بار: 1) بىز ئۇيغۇرلار يېقىنقى بىر قانچە ئەسىر ئىچىدە ئۆتكۈزگەن قانداق سەۋەنلىكلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقىدەك بىر ھالەت ئىچىگە كىرىپ قالدۇق؟ 2) بىز ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ مەن ئالدىنقى بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە ۋەتەندە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ «بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنگە قېلىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەپ، يېقىنقى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىر ھەقىقى داھىنىڭ چىقمىغانلىقى، بىر ھەقىقى قەھرىماننىڭ چىقمىغانلىقى» دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم.


  • مۇۋەپپەقىيەت = (پۇرسەت + تەلەي) * (ئىقتىدار + تىرىشچانلىق) + تالانت + يۈكسەك قىزىقىش
    بۇ يەردىكى "پۇرسەت" 0 بىلەن +1 نىڭ ئارىلىقىدىكى بىر قىممەتنى ئالىدۇ. "تەلەي" بولسا -1 بىلەن +1 نىڭ ئارىلىقىدىكى بىر قىممەتنى ئالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بەزىدە "پۇرسەت + تەلەي = 0" بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىقتىدار بىلەن تىرىشچانلىق ھېچ قانداق مېۋە بەرمەي، ئادەم مەغلۇپ بولىدۇ. "پۇرسەت + تەلەي = 0" بولسىمۇ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ تالانتى بىلەن يۈكسەك قىزىقىشىغا ئاساسەن تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى تەڭلىمىدىكى "تالانت + يۈكسەك قىزىقىش" قا "پۇرسەت + تەلەي" كۆپەيتىلمىدى. مەن بۇ تەڭلىمىدىكى قالغان تەركىپلەرگە سانلىق قىممەت بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.

  • ماشنا ئوغىرسى ئويۇنى G r a n d  T h e f t  A u t o : V i c e  C i t y نى كۆپۈنچىڭلار ئويناپ باققان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ماۋۇ كۇرتلار ۋادىسى مودېلىنى ئاشۇ ئويۇن بار يەرگە قاچىلاپ ئىجرا قىلدۇرسا ئويۇننىڭ ھەممە خەتلىرى تۈركچە بولىدىكەن، ئويۇن ئوينىغاچ ئانچە-مۇنچە تۈركچە ئۆگىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس. ھەم ئويۇندا ماشنىغا چىقسا كۇرتلار ۋادىسنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى چىقىدىكەن. ئويۇن باشلىنىشىغا 10 مىليون دوللار پۇل بىلەن چىقىدىكەنسىز، ۋەزىپىسىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىكەن، كۇرتلار ۋادىسىدىكى ۋەقەلىككە ئوخشايدىغان ئوخشايدۇ.

  • ئەمدى مىكروسوفىت تور دېسكا مۇلازىمىتى SkyDrive بىلەن office2010 نى بىرلەشتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز توردىلا office2010 نى ئىشلىتىپ، ھۆججەت تەھرىرلىيەلەيمىز، ئورتاق ئىشلىتەلەيمىز، ساقلىيالايمىز.

     

    تور ئىشخانا سىستېمىسى Google Docs  بىلەن Microsoft Live Office نىڭ سېلىشتۇرمىسى

     

       Google Docs

    Microsoft Live Office

    ساقلاش سىغىمى   1Gb يەككە ھۆججەت 5M  25Gb يەككە ھۆججەت 50M
    قوللايدىغان ھۆججەت فورماتى  Doc PPt XLS RAR PDF قا ساقلاشنى قوللايدۇ  DOCX PPTX XLSX خالىغان فورماتتىكى ھۆججەت يوللاشنى قوللايدۇ
    مەشغۇلات كۆرۈنمە يۈزى  توردىكى كۆپ سانلىق تەھرىرلىگۈچكە ئوخشاش  office2010 بىلەن ئوخشاش
    ئورتاق ئىشلىتىش  توردا ئورتاق ئىشلىتشلىشنى قوللايدۇ، كۆپ ئادەم تەھرىرلەشكە بولىدۇ كۆپ ئادەم ئورتاق ئىشلىتىشنى بەلگىلەشكە بولىدۇ، ھوقۇقنى بەلگىلەشكە بولىدۇ



  • ئۇيغۇرچە Edius نىڭ ئالاھدىلىكىلىرى:
    ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە، كۆرسەتمە ئۇچۇرلىرى، تەڭشەيدىغان يەرلىرى ئىخچام، چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادى بارلىكى ئادەم ئىشلىتىشنى ناھايتى تېزلا ئۆگىنىۋالالايدۇ.
    قوللايدىغان ھۆججەت تۈرى كۆپ...

  • مەن نۇرغۇن ۋىرۇسخورلارنى ئىشلىتىپ باقتىم، مەسلەن: 卡巴斯基,Nod32, 瑞星 دېگەندەك. ۋىرۇس بىلەن بەك تولا ھەپلىشىمەن. مۇشۇ جەرياندا بايقىغان ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ رەھىمسىز ۋىرۇسخور dr.web. بۇ ۋىرۇسخورنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كومپىيۇتېرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن.

    بەزى چوڭ تىپتىكى مۇلازىمېتېرلارمۇ مۇشۇ dr.webنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ۋىرۇسخور شۇنچىلىك سەزگۈركى توردىكى كىنونى كۆرىدىغان Qvod دېتالىنىمۇ نورمال ئىجرا قىلغىلى قويمايدۇ. چۈنكى Qvod كومپىيۇتېرىمىزنىڭ بىر ئېغىزنى سىرتقا ئېچىپ، بىز كۆرىۋاتقان كىنونى باشقىلارغا يوللاپ بېرىدۇ.

  • مەخپى سوقۇنۇپ كىرىش2 (秘密潜入2) ئويۇنى  مەدەنىيەت ئىدارىسى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك چەكلەندى. ئېنگىلىزچە نامى IGI 2

    شۇڭا بۇ ئويۇننى ھەر قانداق تورخانا ياكى تورغا ئۇلانغان شەخسى كومپىيۇتېردا ئوينىماڭ. كومپىيۇتېرىڭىزدىن ئۆچۈرۋېتىڭ. ئوينىغان ھامان سىزنىڭ IP ئادىرسىڭىز مەدەنىيەت ئىدارسىنىڭ تور نازارەت سىستېمىسىغا يوللىندۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى دېمىسەممۇ چۈشنىلىشك

  • كومپىيۇتېرىمىزغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتسەك، ھاجىتىمىزدىن چىقالارمۇ دەپ ئويلانسام، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارمۇ خېلى كۆلەم ھاسىل قىلىپتۇ. مەن بىلدىغان دېتاللارنىڭ ئىسملىكىنى يېزىپ قويدۇم، مەن بىلمەيدىغان، ئېسىمگە كەلمىگەنلىرى بولسا ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويارسىلەر، ھېچبولمىسا بىرەرسى ئۇيغۇر تىلىدىكى قانداق يۇمشاق دېتاللىرىڭ بار دېسە، مانا دېگىلى لازىم بولىدۇ.
     

  •  

    بۇ مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان Edius 5 نىڭ قاچىلاش، ئىشلىتىش تەپسىلى دەرسلىكى

    بۇ دەرسلىكنى تەپسىلى كۆرۈپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە ئېدىيۇسنى شۇ بويىچە ئىشلەتسە، قەتئى فىلىم كىرىشتۈرۈپ باقمىغان ئادەممۇ ئېسىل فىلىملەرنى ئىشلىيەلەيدۇ. قېنى دىققىتىڭلار دەرسلىكتە بولسۇن.

    بۇنى Youku تورىغا يوللاش جەريانىدا سۈپەت جەھەتتە خوراش بولىدىكەن، شۇڭا بىۋاستە قويغاندا سەل سۇس بولۇپ قالدىكەن.

    سۈزۈك نۇسخسى ئۇيغۇرچە ئېدىيۇسنى سېتىۋالغانلارغا ھەقسىز تەمىنلىندۇ.

    دىققەت: بۇ دەرسلىكنى ھەر قانداق تور بەتكە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ..

  • مەن  Photoshop CS4 Me نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتقاندىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر ياخشى باھالارنى ۋە بەزى پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى. مەن شۇ ئاساستا كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم.ئۇيغۇرچە Photoshop CS4 Me نى تارقاتقان ۋاقىتتا Windows7 چىقمىغان بولغاچقا Photoshop CS4 Meنى Windows7 دە ئىجرا قىلغاندا خاتالىق كۆرۈلەتتى.ئەمدى Photoshop CS5 Me چىقتى. بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كۆرۈنمە يۈزى ئوڭدىن سولغا كۆرۈندۇ. بۇنداق بولغاندا ھەقىقى ئۇيغۇرچە بولۇپلا قالماستىن، ئېنگىلىزچە ھەرپ، سان بىلەن ئۇيغۇرچە خەت بىرلىكتە كەلگەندە كۆرۈلدىغان نۇرغۇن خاتالىقلار، ئاۋارچىلىقلار بولمايدۇ.

  • windows7 دە بەزى ھۆججەت مەشغۇلاتىغا ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ دەپ خاتالىق چىقىۋېلىپ، ئۆچۈرۋېتىشكە تىگىشلىك ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى ئۆچۈرۋېتەلمەي، تىت-تىت بولۇپ كېتىمىز
    تۆۋەندىكى كودنى بىر تېكىست ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە چاپلاپ ساقلاپ، تېكىست ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگە...

  • ئالاھىدىلىكى:
    1. بىرلا ھۆججەت. قاچىلاش، تىزىملاش، ئاكتىپلاش ھاجەتسىز، بىۋاسىتە ئىجرا قىلدۇرسىڭىزلا بولىدۇ. بارماق دىسكا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە كۈچۈرۋېلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
    2. پۈتكۈل كۆرۈنمە يۈزى، خاتالىق ئۇچۇرلىرى، كۆرسەتمە ئۇچۇرلىرىمۇ چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر تىلىنى بىلدىغانلا ئادەم فوتوشوپنى تېز سۈرئەتتە ئۆگىنىۋالالايدۇ

    3. ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

    4. خەنزۇچە ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار ئۈچۈن ھەقلىق نۇسخسىدا (ھەقسىز نۇسخسى پەقەت ئۇيغۇرچە) خەنزۇچە تىلمۇ قوشۇلغان. بىرلا بۇيرۇق بىلەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىلىپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    5. فوتوشوپنىڭ CS4 نەشىرىدە 3D ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئۈچ ئۆلچەملىك رەسىم ياساشقا، باشقا ئۈچ ئۆلچەملىك دېتاللاردا ئىشلىگەن رەسىمنى فوتوشوپتا ئېچىپ تەھرىرلەشكە بولىدۇ. ئەمما، توردا كەڭ تارقالغان Photoshop CS4 لارنى ھەقىقى ئاكتىپلىمىسا 3D ئىقتىدارى ئىشلىمەيدۇ. مەزكۇر ئۇيغۇرچە فوتوشوپنىڭ ھەقلىق نۇسخسىدا 3D ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاپ قوشۇۋەتتىم، بىۋاسىتە ئىشلەتسە بولىدۇ. (ھەقسىز نۇسخسىدا 3D ئىقتىدارى يوق)

    6. ھەقلىق نۇسخسىدا چىقىرىش، Eye Candy 4000 ، KPT  قاتارلىق قىستۇرمىلىرى قوشۇلغان.

  • چاناق قەلئە ئۇرۇشى

    تۈرى:تارىخ | خەتكۈچ:

    چاناق قەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۇش ئۇچۇن، تۇركلەرنى يېڭىش ئۇچۇن جاھاندىكى پۇتۇن قۇراللارنى ئىشلىتىپ باقتۇق، پۇتۇن ۋاستىلارنى قوللىنىپ باقتۇق، ئەمما تۇركلەرنى يېڭىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۇشەندۇق. ئەگەر ھەقىقى ئۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى  خالايدىغانلار تۇركلەر بىلەن ئۇرۇشسۇن... چاناق قەلئە بوغۇزىدىن ئۆتەلمىدۇق !............

  • كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى ھەر قانداق يۇمشاق دېتالدىن بىرەر مەسلىگە يولۇقسىڭىز مۇشۇ يەردىن ئىنكاس شەكىلدە مەسلىھەت سوراڭ

    بىلسەم ئەڭ تېز سۈرئەتتە جاۋاپ بېرىمەن. بىلەلمىگەنلىرىم بولسا بىرلىكتە ئىزدىنىمىز

  • Kmplayer  داڭلىق ئۈن-سىن قويۇش دېتالى.

    بۇنىڭ قويالايدىغان ھۆججەت تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، سىغىمى كىچىك، قاچىلاش ھاجەتسىز، ئەڭ مۇھىمى مەن ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ قويغان.

  • دىلمۇرات مەھمۇت

    مارگارېت ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەتنىڭ ئۈچ باسقۇچىغا ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەدبىقلاپ باقىدىغان بولساق، ئەھۋال كىشىنى سەل قايمۇقتۇرىدۇ. مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇرلار 2- باسقۇچتا تۇرماقتا. ياشلار تېخى چوڭلارنىڭ ئەنئەنىسىدىن بەكمۇ يىراقلاپ كەتمىدى ھەم ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ. چوڭلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەي قېلىۋاتقىنىغا ئىقرار. دېمەك ئۇلارمۇ بۇ جەھەتتە ياشلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى دۇرۇس دەپ بىلىدۇ. غەرب 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 2- باسقۇچقا قەدەم قويغان. ۋەھالەنكى، بۈگۈن غەرب دۇنياسىدىكى چوڭلارنىڭ غېرىپلىشىشى، ياشلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ھەتتا خارلىنىشى 3-باسقۇچنىڭ يەنى، بۇرۇنقىلار كېيىنكىلەرگە تەقلىد قىلىدىغان مەدەنىيەت باسقۇچىنىڭ بىر يامان ئۆسمىسىدۇر. بۇ خىل يامان ئۆسمىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ئاز-تولا بىخ سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.